An intellectual in a concentration camp

an intellectual in a concentration camp
an intellectual in a concentration camp
an intellectual in a concentration camp

چارىسىزلىقنىڭ مىسرالارغا توكۇلىشى – جازا لاگىرىدىكى زىيالى

Play this video

شائىر ئەمەلىيەتتە «يانارىم يوق- قايتىپ چىقىشىمنىڭ ئىمكانى يوق» دەيدۇ. ئۇ ئۆيىگە ، يېقىنلىرىغا قايتىشنى خالايدۇ ، ئەمما قايتىپ كېلەلمەيدۇ.يەنى قايتىش يوق. ئۇ بىر نەچچە يىل مۇشۇنداق يەرگە تاشلانغان بولۇپ ، تامنىڭ يۇچۇغى ئارقىلىقلا پەسىللەرننڭ ئالماشقانلىغىنى بىلەلىگەن. ئۇ ئائىلىسىدىن، يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغىنىغا ئوخشاش، يېغىۋېلىش لاگىرىنىڭ سىپىل تېمىنىڭ سىرتىدىكى گۈل- چېچەك، تەبىئەت دۇنياسىدىنمۇ تامامەن خەۋەرسىز. سېغىنىش تۇيغۇسى سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ يىلىكلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. زىنداندىكى يالغۇزلۇق، جان- جىگەر يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىق، ئىنسانلىق غۇرۇرىنىڭ چەيلىنىشى مىسىرالارغا نە قەدەر چوڭقۇر سىڭدۇرۇلگەن-ھە! «مەن كىم ئىدىم، نېمە بولدۇم، بىلەلمىدىم،». بىز كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تارتىۋالىدىغان رەھىمسىز رىئاللىققا دۇچ كەلدۇق. خىتايلارنىڭ قىسىق كوزلىرى، قاڭشارلىق كۆزلىرى چوڭ ئۇيغۇر ، قازاقلارنى ، زاڭزۇ ، موڭغۇللارنى كورۇشكە تاقەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتايلارنىڭ تارىخى گەنلىرىدە بار بولغان بىر كىسەللىك. دەل 1288 يىل ئىلگىرى ، بىلگې كاغان بۇ گەننى بايقىغان ۋە ئۇنى «ئۇرگسىراتماق» ، يەنى «نەسەبىنى قۇرۇتۇش» دەپ ئاتىغان. 732-يىلى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن يىل. بۇ سوزنى بىلگى كاغان ئىشلەتكەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر ئۇنى «پەلەكنىڭ خۇي پەيلى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى ”پەلەك“ خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئادىتىنى- خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى كورسىتىدۇ. دۇنيانىڭ كوز ئالدىدا كىشىلەرنى قاراڭغۇ زىندانلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۇنتۇشقا تاشلاپ قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇرۇش. شائىر؛ «كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى، دېيەلمىدىم. » ئىنسان كوڭۇل سوزلىرىنى ھېچكىمگە دىيەلمەيدىغان يەر بارمۇ دۇنيادا؟ بار؛ قەشقەردە، خوتەندە، قۇمۇلدا، تۇرپاندا، ئۇرۇمچىدە، غۇلجىدا، ئالتايدا… بار. شائىرمۇ ئەمدى گۇزەل چۈشلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى قاراڭغۇ زىندانلاردا تارمار قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھېسسىياتى قارا ئۆڭكۈرلەردىن موجىزىلىك بىر شەكىلدە تاشقىرىغا چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گاس قۇلاقلارنڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىلە بولدى. بۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «يانارىم يوق». مېنىڭچە بۇ شېئىر 21-ئەسىردىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شېر دۇنياغا 21-ئەسىردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان نادىر ئەسەر. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ، ھېسس – تۇيغۇنىڭ )ئولتۇرمەك ئىستىسىمۇ( ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ، شېئىرنىڭ يەنىلا )بىر جانلىققا ئوخشاش( نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەر. ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ شېئىرنى تارقىتىشى ، ھەتتا ئابدۇقادىر جالالىدېننى نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشى مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە.