First & Second East Turkistan

Ahmetjan Kasım: “The land is ours, the homeland is ours” by Dr. Nabijan Tursun

Ahmetjan Kasım: "The land is ours, the homeland is ours" by Dr. Nabijan Tursun

ئەخمەتجان قاسىمى: « يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ»
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى نۇقتىئىنەزىرى ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك كەڭ زىيالىيلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى تەرىپىدىن بىردەكلىككە ئىگە بولغان نۇقتىئىنەزەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جاينى ئىشغال قىلغۇچى، تاجاۋۇز قىلغۇچى، يەرلىك خەلقلەرنى ئەزگۈچى، يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغۇچى، يەرلىك خەلقلەرنى دىنىي، مىللىي جەھەتتىن خورلىغۇچى، ھاقارەت قىلغۇچى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلغۇچىدىن ئىبارەتتۇر ( بۇ ھەقتە قارالسۇن: ئەلىخان تۆرىنىڭ بىر نۇتقى. چۆچەكتە سۆزلەنگەن. 1945-يىلى 8-ئاي. ئەخمەتجان قاسىمى؛ ماقالە ۋە نۇتۇقلار. 1992-يىلى. ئالمۇتا نەشرى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان»، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان»، «ئىتتىپاق»، « كۈرەش» قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردىكى ئەسلى ئورىگىنال ماقالە-نۇتۇقلىرىغا قارالسۇن) بۇنداق ئىدىيە ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر « ئازاد شەرقىي تۈركىستان» ۋە 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىنكى « ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتلىرى، « كۈرەش»ۋە « ئىتتىپاق» ژۇرناللىرىدا تولۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
«خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى» نۇقتىئىنەزىرى ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ تەرغىب قىلىندى. ئۇنىڭ بارلىق سۆز-نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدە «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى»، « خىتاي مۇستەبىتلىرى»نىڭ قىلمىشلىرى، ماھىيىتى، مەقسىتى ۋە باشقا تەرەپلىرى ئىزچىل ئەيىبلىنىدۇ ( قارالسۇن؛ ئەخمەتجان قاسىمى؛ ماقالە ۋە نۇتۇقلار.1992-يىلى، ئالمۇتا.128 بەت ۋە ئەسلە ئورگىنالغا قارالسۇن ) ۋەھالەنكى، بۇ ئاتالغۇلار 1980-يىللاردىن كېيىن خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئۇنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ياكى يۇمشىتىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن بولۇپ، بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلغۇچىلار دەل« خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئىبارەتتۇر».
ئۇ، ۋەتەننىڭ نامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ « شەرقىي تۈركىستان خەلقى» ئىكەنلىكى، «شىنجاڭ» نىڭ خىتاي تەرىپىدىن قويۇلغان نام ئىكەنلىكى نۇقتىئىنەزىرىنىڭ تەرغىباتچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن:« شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئولتۇرۇپ كەلگەن جايلاردۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانلىقىغا 3-4 مىڭ يىللىق دەلىللەر تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى زامانلار ھەققىدە تارىخچىلار چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن كېيىن جاۋاب تاپار. شەرقىي تۈركىستان، ئالتىشەھەر، جۇڭغارىيە، يەتتىشەھەر، ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ياكى جەنۇب، شىمال، ياكى شىنجاڭ دېگەن ئەزەلدىن مۇشۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ، يەنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئېيتىلغان. ئاخىرقى <شىنجاڭ> دېگەن نام بىزنىڭ ئۆلكىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلىپ، تولۇق مۇستەملىكە ھالىغا چۈشۈپ خىتاي ئىمپېراتورلىرىنىڭ سەلتەنەتى تولۇق ئورنىتىلغاندىن كېيىن قويۇلغان نامدۇر. <شىنجاڭ> دېگەن نام< يېڭى دائىرە>، < يېڭى زېمىن>، دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. دېمەك، كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلارنى بەربات قىلغاندىن كېيىن تولۇق ئىتائەت ئەتكۈزۈلگەن يېڭى بىر بۆلەك يەر خىتاي دۆلەت تۇپرىقىغا قوشۇلغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ» ( ئەخمەتجان قاسىمى. يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق. 1948-يىلى،«ئىتتىپاق» ژۇرنىلى 2-سان. ماقالە -نۇتۇقلار، 1992-يىلى، ئالمۇتا، 29-بەت) دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.
دېمەك، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر تارىخىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ خىتاينىڭ ئىستىلا قىلىپ، ئىگىلىۋالغان زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلىق نام ئىكەنلىكىنىڭ تەبىرىنى بەرگەنىدى. دېمەك، ئۇنىڭ يەكۈنىچە، <شىنجاڭ ئەنە شۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىستىلا قىلىپ مۇستەملىكە قىلغان زېمىن» بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىنلار خەلقىگە ئوخشاشلا مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھوقۇقى بار. ئۇنىڭ دائىم تەكىتلىگەن «ئەركىنلىك»، « ھۆرىيەت»، « ئازادلىق» ئۇقۇملىرى ئەمەلىيەتتىكى سىياسىي مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى خىتايلار ئىستىلا قىلىپ ئاتىۋالغان«شىنجاڭ» نىڭ ھەقىقىي ئىگىسى خىتاي ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ:«يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق» ( ئەخمەتجان قاسىمى، ماقالە-نۇتۇقلار. 1992-يىلى، ئالمۇتا، 29-بەت، سلاۋيان يېزىقىدا) دەپ كەسكىن ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر قەدەمدە تەكىتلەيدىغان « شىنجاڭ قەدىمدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى»، « بىزنىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىمىز بار»، « جۇڭگونىڭ 4 يۇز مىليون نوپۇسى بار، ئۇيغۇرلار ئاران 3 -4 مىليون خەلق»، « بىز جۇڭگو دۇنيادىكى 4چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى»، « بىزنىڭ بىردەمدىلا بىر شەھەرنى تۈزلىۋەتكۈدەك ھەربىي كۈچىمىز بار» دەيدىغان ماختىنىشلىرى ۋە ھەيۋىلىرىگە بەرگەن قاتتىق جاۋابى ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى يەنە:« ئەمدى مەسىلە مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئەركىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈستىدە كېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ يېرىمىزنىڭ نامىنى ھەرقانداق ئۆزگەرتكەن بىلەن ئەگەر خەلقىمىزگە سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى بېرىلمەيدىغان بولسا، ئەمەلىيەتتىكى مىللىي ئېزىلىش يوقىتىلمايدىغان بولسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شەكىل مەزمۇننى ھېچ ۋاقىتتا بەلگىلىمەيدۇ» ( ئالمۇتا .شۇ ئەسەر، 29-بەت) دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ دۇنيادىكى مۇستەملىكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بىچارە مۇستەملىكە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ:«بىزنىڭ يۇرتىمىز مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىنىڭ مۇستەملىكىسى دېگەن ئىدۇق، بىزنىڭ يۇرتىمىزنى بېسىپ ئېلىپ، مۇستەملىكە قىلىپ ئالغۇچىلارنىڭ ھەر قەدەمدە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى-ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىدىن ئۆتەلمەستىن توختاپ قالغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئىدارە قىلىشقا كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئېڭى قەدىمكى زامانغا سېلىشتۇرغاندا ئالغا كەتكەن، لېكىن بىزنىڭ زامانىمىزدىن ئايرىم مەسىلىلەردە 4-5 مىڭ يىل، ئومۇمەن 200-250 يىل ئارقىدا قالغان ئاڭدىكى ئادەملەر بولغاچقا ئۆلكە خەلقىنى ئوتتۇرا ئەسەر زۇلۇمدا ساقلايتتى»( ئەخمەتجان قاسىمى؛ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ كۈچى: بىرلىشىشتە. ماقالە تارمىقى: خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەجرىبىسى. ماقالە -نۇتۇقلار، 1992-يىلى، ئالمۇتا،88-بەت) دەپ ئەسكەرتىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ قالاق مۇستەملىكىچىلەر ئىكەنلىكى، خىتاي مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاڭ جەھەتتە دۇنيادىن 250-200 يىللار ئارقىدا قالغان قالاق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، دېمەك ناتىۋان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە شۇ قالاق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قولىدا قالغانلىقى، مەزكۇر قالاق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدە قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا ئەنە شۇ مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغۇچىلارنى « مىللىي مۇناپىقلار» ، « مىللىي ساتقۇنلار» دەپ ئاتايدۇ.
Source:
 
 

Ahmetjan Kasım: East Turkistan – Uyghur people It is a matter of whether or not the occupied land by Dr. Nabijan Tursun

Ahmetjan Kasım: East Turkistan - Uyghur people It is a matter of whether or not the occupied land

AhmedjanQasimi

 

ئەخمەتجان قاسىمى: شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇر ئېلىنىڭ
بېسىۋېلىنغان زېمىن ياكى ئەمەسلىكىگە چېتىشلىق مەسىلە
دوكتور نەبىجان تۇرسۇن
تارىخ پ ەنلىرى دوكتورى
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقالر ئۆلمەي،
ئەگەر 1949 -يىلى 9 -ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ،
خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ
بېكىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى
يىغىنىدا: »بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ
رەھبەرلىكىگە بويسۇنىمىز« دەپ ئېالن قىلغان
بولسا ئۇيغۇر سى ياسىي تارىخى باشقىچە يېزىلغان
بوالر ئىدى. ئۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىغا
بۈگۈنكى ئۇيغۇرالر ئەمەس، ئۇنىڭ ئاشۇ
ۋاقىتتىكى سەپداشلىرى – يەنى جۇمھۇرىيەتنى
قۇرۇشقا قاتناشقان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، رەھىمجان سابىرھاجى، زىيا سەمەدى، زۇنۇن
تېيىپوف ۋە باشقا ئونلىغان دوستلى رى، پىكىرداشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە
كۈرەش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىڭلىغان جەڭچى ئوفىتسېرلىرى،
2
كادىرلىرى ۋە خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقىالر ئۇنى يۈكسەك مۇھەببەت
ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆيمەي ھەم سېغىنماي، ئەكسىچە ئۆز مۇھەببەتلىرىگە پۇشايمان قىلغان
بوالر ئىدى ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلەتتى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم،
زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە يۈزلىگەن كىشىل ەر شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ھايات -ماماتقا
دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرالر ئۇنى ئەسلىمىگەن بوالر ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرالرنى يادرو قىلغان ئاخىرقى مۇستەقىل ھاكىمىيەت،
1944 -يىلى 12 -نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە مىللىي
ئازادلىق ئىنقىالبنىڭ ئاخىرقى ئالىي رەھبىرىدۇر. ئۇ، خەلق تەرىپىدىن »داھىيمىز«،
»سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز« دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئاتالغان ئەربابتۇر، تېخى ھازىرغىچە
ئۇيغۇرالر ئەخمەتجان قاسىمىدىن باشقا ھېچكىمنى »سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز« دەپ ئاتاپ
ئېتىراپ قىلىپ باققىنى يوق. ئەمما، 1947 -يىلى 25 -فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭ
خىتاي نامايىشچىسى »ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى، يوقالسۇن ئەخمەتجان« دەپ شوئار توۋالپ
نامايىش قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىكىنى ئىپادە قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى
قىسمەن ئۇيغۇر ۋە باشقىالردىكى ئۇنىڭغا بولغان قىسمەن ئۆچمەنلىك ياكى ئەيىبلەش بىلەن
ئاشۇ خىتاي ھەربىي – سىياسىي ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆچمەنلىكى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق
باركىن تاڭ؟
ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ھىمايىسىدە قۇرۇلغان ھەم
مەۋجۇت بولغان شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ز ىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۇ نىڭ ھەر
جەھەتتىن ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇ رىيىتىدىن ئىبارەت
ئۆز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت ئاپپاراتى، ئارمىيەسى، ئەدلىيە سىستېمىسى، مىللىي ۋە دىنىي
سىياسىتى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىياسىي سىستېمىسى، سودا-ئىقتىسادىي سىستېمىسى
قاتارلىق بارلىق مۇستەقىل دۆلەتچى لىك قۇرۇلمىسىغا ئىگە مۇستەقىل مىللىي ھۆكۈمەت
ھەرگىز 1946 -يىلى 6 -ئايدا گومىنداڭچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلمىدى. بۇ
3
ھاكىمىيەت بەلكى 1949 -يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خەلق تەرىپىدىن» سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز«
دەپ ئاتالغان ئەخمەتجان قاسىمى، ئالىي ھەربىي قوماندان ئىسھاقبېك مۇنۇنوف قاتارلىق
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي يادروسىنىڭ » ئايروپىالن قازاسى« ناملىق
ھازىرغىچە دۇنيانى قايىل قىاللمىغان سىرلىق كوللېكتىپ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتاي خەلق
جۇمھۇرىيىتى قوشۇنلىرى، » يەنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى« نىڭ » پۈتۈن شىنجاڭ« نى
ئىشغال قىلىشى بىلەن ئاخىرالشتۇرۇلدى ۋە بارلىق مۇستەقىل دۆلەتچىلىك قۇرۇلمىسى،
دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىكار قىلىندى، ئاي يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى چەكلەندى، ئارمىيە
ئۆزگەرتىلدى ۋە ئاخىرى بىكار قىلىندى.
باشتا » ئىشغالىيەت«) جەنلىڭ ( دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن خىتاي كوممۇنىستلىرى
كېيىن بىردىنال بۇ جاينى »تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش« دەپ ئاتىدى ھەمدە ئەخمەتجان
قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى »تىنچلىق بىلەن ئازاد
قىلىش يولىدا قۇربان بولغان«، »يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان«، »جۇڭگو
كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان« دەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشتى. خىتاي
كومپارتىيەسى يەنە: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، خىتايدىن
مۇستەقىل ياشىغان، ھېچقانداق خىتاي دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ۋە ئارمىيەسىن ى
كىرگۈزمىگەن بۇ ھۆكۈمەت ۋە ئىنقىالبنى »جۇڭگو ئىنقىالبىنىڭ بىرقىسمى«، »ئۈچ ۋىاليەت
ئىنقىالبى«، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقالرنى ھېچقانداق مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرىشى
قىلمىغان، »شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ بىرقىسمى قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، بۆلگۈنچىلەرگە
قارشى كۈرەش قىلغان« ۋە ئاخىرىدا »يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش يولىدا
قۇربان بولغان«، »كوممۇنىزم جەڭچىسى«، »ئۇنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن شىنجاڭ ۋە پۈتۈن
مەملىكەت خەلقىگە چوڭ يوقىتىش«، »شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ ئەخمەتجان
قاسىمى قاتارلىق ئىنقىالبىي قۇربانالرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى« دېگەندەك تۈرلۈك
ئۆلچەملىك باھاالرنى بېرىشتى. بۇ خىل »ئېتىراپ قىلىش« ۋە تەشۋىقات شەكلى خىتاي
كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىدىن چىقىش قىلىنغانىدى. ئۆزلىرىنىڭ
4
بۇرۇنقى دۇنيا دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا
يېڭىدىن دۆلىتىنى قۇرغان ۋە پۈتۈن دۇنيادا تېخى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن پەيتلىرىدە
ماۋزېدوڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست رەھبەرلىك قاتلىمى مەزكۇر ئىنسانىيەتنىڭ 19-
20 -ئەسىر تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ زور باشقا مىللەتلەر ۋە ھاكىمىي ەت مەۋجۇت
بولغان جايالرنى ئۇالرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشقا بىر ھەربىي
كۈچلەر ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قوراللىق، ھەربىي ئىشغال قىلىۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولغان
»شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش« ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي »تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش«
دېگەندەك باش لوزۇنكا ئاستىدا يۇقىرىقى بىر قاتار تەبىرلەر بىلەن ئۆزگەرتىپ
چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلمىغانلىقى، بۇ جاينىڭ ئىشغال قىلىنغان
زېمىن ئەمەسلىكىنى خەلقئارالىق جەھەتتىن قانۇنالشتۇرۇشقا تىرىشتى. بۇ ھەم خىتاينىڭ
»شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قى سمى«، »شىنجاڭ غەربىي خەن دەۋرىدىن تارتىپ
جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن« دېگەن دەۋاسىنىڭ بىرقىسمى ئىدى. كومپارتىيە
سىياسىيونلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر كومپارتىيە خۇددى گومىنداڭچىالردەك ئەخمەتجان
قاسىمى قاتارلىقالرنى باشتىال »بۆلگۈنچى«، »خەنزۇالرنى قىرىشقا قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك
قىلغان«، »ئۈچ ۋىاليەت ئىنقىالبى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى«، »توپىالڭ« دەپ ئاتىسا ئۇ
چاغدا كومپارتىيە خەلقئارانىڭ ئالدىدا بۇ زېمىننى زورلۇق بىلەن ۋە ھەربىي كۈچ بىلەن
بېسىۋالغان بولۇپ قاالر ئىدى. يەنە يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىشى، بۇ
جاي زىددىيەت ئوچىقى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، يەنى خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىغا ماس كەلمىگەن نۇقتا
شۇكى، ئەگەر ئۇالر »شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلسا« زور ساندىكى ھەربىي قوشۇن
ئەۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. مۇنداق غايەت زور ھەربىي كۈچ بىلەن ھەربىي قوشۇن بېسىپ
كىرىشىنىڭ ئۆزى بۇ جاينىڭ »تىنچلىق بىلەن« ئەمەس بەلكى ھەربىي كۈچ بىلەن ئىشغال
قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
5
1949 -1950 -يىلى ئارىسىدا تەخمىن ەن 100-120( 90 مىڭمۇ دېيىلىدۇ( مىڭ
كىشىلىك كوممۇنىستالر قوشۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولغان 80 مىڭ )نامدا 100 مىڭ
دېيىلىدۇ( كىشىلىك گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىرلىشىپ پۈتۈن ئۇيغۇرالر دىيارىدىكى خىتاي
مىللىتىدىن تۈزۈلگەن ۋە بۇ جاينى كونترول قىلغۇچى ئارمىيە 200 مىڭ ئەتراپىدا بولدى
)پېڭ دېخۇئەي 190 مىڭدىن ئارتۇق دەيدۇ(.
دېمەك، ئەخمەتجان قاسىمى مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياكى ئۇيغۇرالر
دىيارىنىڭ ۋە ياكى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە »يېڭى ئىگىلەنگەن زېمىن« – شىنجاڭنىڭ
»بېسىۋېلىنغان زېمىن«، »مۇستەملىكە قىلىنغان كولونىيەلىك ۋە كولونىيەلىك سىياسەت
يۈرگۈزۈلگەن زېمىن ياكى ئەمەسلىكى« گە چېتىشلىق مەسىلىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمى
ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرى بويىچە باھا بېرىش ۋە شۇ ئۆلچەمنى
قوللىنىش دەل »بۇ زېمىن خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ۋە ئارمىيەسى تەرىپىدىن
بېسىۋېلىنمىغان، خىتاي ئۆز زېمىنىنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدى«، دېگەن خىتاينىڭ
بۈگۈنكى دۆلەت زېمىن پۈتۈنلۈكى نەزەرىيەسى، يەنى ئۆزىنىڭ بۇ جاينى »مۇستەملىكە
قىلمىغانلىقى«، بۇنىڭ »ئۆز زېمىنى«، »مۇستەملىكە« ئەمەسلىكى نەزەرىيەسى بىلەن
پىكىرداشلىق ھېسابلىنىدۇ دەپ قاراش مۇمكىن.
ئەخمەتجان قاسىمى باھاسى مەسىلىسى خىتاينىڭ ئۆزىدىال باشتىن ئاخىرى
زىددىيەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت كۆپ ئويلىشىش ئارقىلىق يۇقىرىقى باھا ئەندىزىسىنى
بېكىتكەن. ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمىغا يەنە ئايرىم باھا بار ۋە بۇ باھاالر بۈگۈنكى
ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي يېقىندا ئىشلەپ تارقاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تېررورىزم
بىلەن قارىالش تەشۋىقات فىلىمىدە تىلغا ئېلىنغان ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ
مەيدىسىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان »ئازادلىق ئوردېنى« ھەممىگە جاۋاب
بەرمەكتە.
6
ئەخمەتجان قاسىمى سۆز نۇتۇقلىرى ۋە ماقاللىرىدە باشتىن ئاخىرى شەرقىي
تۈركىستاننى »مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن«، خىتاينى بولسا »مۇستەملى كى چى«،
»مۇستەملىكە سىياسەت يۈرگۈزگۈچى«، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى بولسا »خىتاي
مۇستەبىتلىرى« دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرالرنىڭ دۇنيادىكى مۇستەملىكە قىلىنغان
خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان خەلق، »خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرى« بولسا مۇستەملىكىچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىي مۇستەملىكىچى
تەرىقىسىدە چۈشەندۈرگەن. لېكىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆز نۇ تۇ قلىرىدىكى بۇ ئاتالغۇالر
كېيىنكى ۋاقىتالردىكى كومپارتىيە دەۋرىدىكى نەشرلىرىدە چىقىرىلىپ تەھرىرلەپ ئېالن
قىلىنغانىدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرالشتۇرۇشى ۋە پۈتۈن
ئۇيغۇرالر دىيارى – شىنجاڭنى ئىگىلىشى بۇ پۈتۈنلەي خەلقئارا مۇناسىۋەت توقۇنۇشى
ھازىرلىغان خەلقئارالىق ئاتموسفېرا بىلەن باغلىنىشلىق ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇش،
بېرىۋېتىش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب ئارىسىدىكى
توقۇنۇش ۋە رەقىبلىكنىڭ كۈچىيىشى غەربكە قارشى ئىتتىپاق ھاسىل قىلىش ئېھتىياجىغا
ئىگە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى، »شىنجاڭ«، يەنى » شەرقىي تۈركىستان
سىياسىتى«نى ئۆزگەرتىشكە ئېلىپ كېلىپ، ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىۋاتقان خىتاي
كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلىق بۇ
رايوندا غەرب قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىدىكى بىرەر مۇستەقىل
دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇ پ، ئۆزىنىڭ ئارقا سېپىنى خاتىرجەم قىلىش، بۇ زېمىنىڭ
خەلقئارالىق ئۇرۇش، ياكى خەلقئارالىق توقۇنۇش بازىسى بولۇشىدىن، قىسقىسى غەربنىڭ
تەسىرى ئاستىدىكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقالر ئىدى.
ئۇيغۇرالرنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەنە شۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، جۈملىدىن ستالىننىڭ
سىياسىي ئىستراتې گىي ەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر جەريانلىرى بىلەن باغلىنىپ قالدى. ئەگەردە
خىتاي كومپارتىيەسى غەلىبە قىاللمىسا، ئىچكى ئۇرۇش يەنە داۋامالشسا، غەربپەرەس خىتاي
7
ھاكىمىيىتى داۋاملىق ھەرىكەت قىلسا، ستالىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سىياسىتىنى
ئۆزگەرتمەي، بەلكى ئاخىرىدا يەنىال پۈتۈن رايوننى ئۆز تەسىرى ئاستىدىكى، يەنى سوۋېت
تەسىرى ئاتىدىكى خۇددى موڭغۇلىيەدەك مۇستەقىل دۆلەت قىلىش يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن
ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر، خ ەلقئارا جەھەتتىكى سوغۇق
مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ شىددەتلىك كۈچىيىشى ئاخىرى ستالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمى
باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى ئەمەس، بەلكى ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى
غايەت زور كوممۇنىستىك كۈچنى تاللىشى، بۇ زور كوممۇنىستىك دۆلەتنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا
، غەربكە، دېموكراتىك دۇنياغا قارشى ئىتتىپاقچىسى قىلىشقا ئېلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە ستالىن
ئۈچۈن ئاجىز ئۇيغۇرالرنىڭ مۇستەقىللىقى پايدىسىز ئىدى خاالس. چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى
ئۇيغۇر تەقدىرى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەنە شۇنداق 1949 –
يىلى 8 -10 -ئايالردىكى تىراگ ې دىي ەلەر بىلەن خۇالسىالندى، تامام.
ئۇيغۇرالر مەسىلىسى ئۇيغۇرالر ۋە ئۇالرنىڭ ۋەتىنى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان
بۈگۈنكىدەك خەلقئاراالشمىغان، بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى خەلقئارا
سەھنىگە ئېلىپ چىقمىغان ۋە بىۋاسىتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى مەخسۇس »ئۇيغۇر
قىرغىنچىلىقى« نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قاتتىق ئەيىبلىمىگەنىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ھالقىلىق،
ھايات-ماماتلىق باسقۇچىغا كىرگەندە بۇ مەسىلە دۇنياۋى مەسىلىگە رەسمىي ئايالندى.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلە پەقەتال »مىللىي قىرغىنچىلىق«، »مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى« ياكى
»ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەسىلىسى« مۇ ؟ ئەلۋەتتە خەلقئارا سىياسەت، خەلقئارالىق
ئەھدىنامىلەر، دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنياۋى تەرتىپ نۇقتىلىرىدىن ئۇيغۇرالر
مەسىلىسى ئەنە شۇنداق رامكا ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە خەلقئارالىق نۇقتىدىن ھەل
قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ يانداشمىسى ، يەنى مەسىلىنىڭ تۆگۈنىمۇ ھەل قىلىنىش
باسقۇچىغا كىرىدۇ ئۇنداقتا مە زك ۇ ر »قىرغىنچىلىق« ۋە »ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت« نىڭ
تۈپ يىلتىزى نېمە؟ دېگەن مەسىلە ھەل قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇ دەل ئۇيغۇرالر ۋەتىنى،
يەنى شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭنىڭ بېسىۋېلىنغان، مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى، بۇ
8
زېمىندىكى ئاساسلىق مىللەت- ئۇيغۇرالرنىڭ تارىخىي جەھەتتىن بۇ زېمىننىڭ قەدىمى
دەۋرلەردىن داۋامالشقان ئىگىلىرى، يەنى ئۆز تۇپراقلىرىغا ئىگە »ئىندېجىنىئۇ س« )يەرلىك(
خەلق ئىكەنلىكى، ئۇالرنىڭ ئېتنىك جەھەتتىن يوقىتىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇالرنىڭ
ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقلىرى بارلىقى مەسىلىسىدۇر.
ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئىبارەت ئاشۇ ئالىي رەھبەر ۋە ئۇنىڭ كابىنېتى بېيجىڭغا
ۋەكىل بولۇپ بېرىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى
شەرتسىز، تەلەپسىز ئېتىراپ قىل غان بولسا، ھەتتا خىتاي كوممۇ نىستلىرى ۋەدە قىلىپ
كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە
فېدېراتسىيەلىك ھوقۇق رامكىسى ئاستىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش تەلىپىنىمۇ قويماي ئۇنىڭ
بىر يەرلىك ئەمەلدارىغا ئايالنغان بولسا، بۇ ھازىر ئۇيغۇرالرنىڭ سىياسىي دەۋاسىغا تەتۈر
تاناسى پ بوالتتى. بۇ خىل ، بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىراقال ئۆلۈشىدىن كېيىن
بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ھەم ئۇنىڭ تېررىتورىيەلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن
ئىگىلىۋېلىنىشى تارىختا بولغان ھەم كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىدى.
2021 -يىلى 4 -ئاينىڭ 4 -كۈنى

Summary of the two East Turkestan Republics by Dr. Nabijan Tursun

Summary of the two East Turkestan Republics by Dr. Nabijan Tursun

Ikki Qëtimliq Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti Heqqide Xulase
Aptori: Nabijan Tursun
ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە خۇلاسە
ئاپتورى: در . نەبىجان تۇرسۇن
ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت