2021 QURBAN EID STATEMENT

شەرقى تۇركىستان سۇرگۈندى ھۆكۇمىتىنىڭ 2021 قۇربان ھېيىتلىق سالىمى

Qurban Heid Bayanati 2021

 

شەرقى تۇركىستان سۇرگۈندى ھۆكۇمىتىنىڭ 2021 قۇربان ھېيىتلىق سالىمى

 

خىتاي جازا لاگىرلىرىدا ئاچچىق ئىڭراۋاتقان، لاگىر سىرتىدا خىتاي نىمەدە دىسە شۇنى دىيىشكە، نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان، چەتەللەردە سويۇملۇك ئاداملىرى گۇرەگە ئېلىنىپ ياكى گۇرەگە ئېلىنىشىدىن قورقۇپ، تەمتىرەپ سۇكۇتتتە ئولتۇرغان  ۋە ۋەتەننىڭ كۆك بايرىقى چوقۇم ۋەتەننىڭ توپۇرىقىدا لەپىلدىشى كىرەك، دەپ ئىشەنچى بىلەن تىرىشىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قۇربان ھېيىتلىق سالام!

بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇتۇن كايىناتنىڭ راببى بولغان، ئاللا-تاللادىن، بېشىمىزدىكى زۇلۇملارنى كۆتۇرۋىتىشىنى، ۋە كىلەركى قۇربان ھېيىتنى كۆك بايراقلىرىمىزنى لەپۇلدەتكەن ھالدا، ئانا توپۇرۇقىمىزدا بىرلىكتە ئۆتكۇزۇشىمىزگە نىسىپ قىلىشى ئۇچۇن، قوللىرىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ دۇۋا قىلىشىنى سورايمىز. شۇنداقلا ئامېرىكا باشلىق ناتو دۆلەتلىرىنىڭ، 21-ئەسىردىكى دۇنيا تىنىچلىقى ۋە تەرەقىياتىنىڭ كاپالىتى بولغان، شەرقى تۇركىستان ئۇچۇن چىقىرۋاتقان ئاۋازلىرىغا ماسلىشىشىنى، بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان تاڭنىڭ پات يېقىندا ئاتىدىغانلىغىغا چۇڭقۇر ئىشىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.  

دۇنيانىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك تارىخىغا نەزەر سالساق،قاچان، قايەردە قانۇن تۇزۇمگە ھۆرمەت قىلىنغان بولسا شۇ يەر، شۇ ۋاقىتتا دۆلەت گۈللەنگەن، خەلىق باياشات ياشىغان. قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز مۇستەقىللىقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. شۇنۇڭ ئۇچۇن، بىز بىر تەرەپتىن مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن، يېنە بىر تەرەپ تىن، قانۇن تۇزۇم بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان، دېموكۇراتتىك پرېسىپلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھۆكۇمەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەك. ئامېكىلىقلاردا “دېموكۇراتىيەگە ئارلاشمىساڭ، دېموكۇراتىيە ئۆلۇدۇ” دىگەن گەپ بار،بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ روھىدىن ئۈگۇنۇپ، تاكى بىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھۆكۇمىتىمزنى قۇرۇپ چىقمىغىچە ھاردىم-تالدىم دىمەي، ناھىيىتى ھۇشيارلىق بلەن ھەركەت قىلىشىمىز كىرەك.  ئۇنداق بولمىغاندا، خۇددى” بىر قوينىڭ قۇمۇلىقى بىر قېرىن ماينى سىسىتىپتۇ” دىگەندەك بەزى شۆھرەتپەرەس، مەنپەت پەرەس، مەزھەپ پەرەس جاھىل ئۇنسۇرلار مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش داۋايىمىزغا ئېغىر زىيانلارنى سىلىۋىتىدۇ.

 مەسىلەن:  2019-يىلى 4-ئايدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن خەلىق تەرىپىدىن ئاشكارا سايلىنىپ،ئاللاھنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن قەسەم بېرىپ،   يەتمىشكە يىقىن ئادەم سۇرگۇندىكى ھۆكۇمەتكە كىردى،ۋە ئۆزىگە ئشەنگەن ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزنى پرېزىدېنتلىق نامىزاتىغا كۆرسىتىش تەلەپ قىلىندى. نەتىجىدە ئەركىن ئابلىمىت، تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە سالىھ خۇدايار ئەپەندىلەر ئۆزىنى نامىزاتلىققا كۆرسەتتى.  ئۈچ قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۇنازىرە ۋە تەيارلىق سايلام ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئۈچ قېتىملىق تەيارلىق سايلام نەتىجىسىدىن ئۈمۇد سىزلىنىپ، بىئارام بولغان، ئۆزۋاقتىدا پرېزىدېنت ئەخمەتجان ئوسماننى سۇيقەسىتبىلەن ئۆرۈپ ئۆزىنى پرېزىدېنت قىلىۋالغان بۇ ” ئەڭ ئەقىللىق،ئەڭ  ۋەتەن پەرۋەر” جاناپ، خۇددى ئاپپاق غوجىغا ئوخشاش ۋەتەن ۋە خەلىقنىڭ مەنپەتىنى،سۈرگۈندى ھۆكۈمەت قانۇنىنى، خەلىق ۋەكىلىرىنىڭ ئاۋازىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ،يېغىن ئېچىلىشقا بىرھەپتەقالغاندا، ئوندەك ھىمايىچىسى بىلەن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئايرىم يەردە يېغىن ئىچىشنى قارار قىلدى.

 بۇ كۇتۇلمىگەن بۆلگەۈنچىلىك ۋەقەسىدىن ھەيران قالغان، ۋە داۋانىڭ كىلەچىگىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ۋەكىللەر، ئۇ جاناپ بىلەن سۆزلىشىپ، نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈمۈتىدە، بىرىنچى قېتىم سىيىت تارانچى ئەپەندىم باشلىق ئوندەك ئادەملەرنى، ئىككىنچى قېتىم شۆھرەت سەيدئەخمەت ئەپەندىم باشلىق ئادەملەرنى، ئۈچۈنچى قېتىم جاسارەت ئۇمۇد ئەپەندىم باشلىق ئادەملەرنى ئەڭ ئاھىرىدا ياشلار ۋەكىلىنى ئەۋەتتى، ناھيىتى ئەپسۇز ھەممىسى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىندى. ئاخىردا ۋەكىللەر ئۇ جاناپنىڭ يېغىن زالىغا بېرىپ يىغىننى بىللە ئىچىشنى ئۆتۇندى، ئۇ جاناپ  ۋەكىلەرنىڭ كەلسە بولۇدىغانلىغىنى ئەمما پەقەت گۇزەتكۇچى سۇپۇتىدە قاتنىشىپ سايلاش، سايلىنىش ھوقوقى بولمايدىغانلىقىنى دىدى ۋە پرېزىدىنتلىق نامىزاتىمۇ بولمىغان بۇ جاناپ بىر كىچىدىلا ئۆزىنى پرېزىدىنت دەپ سايلىۋالدى. “ھايۋاننىڭ ئالىسى سىرتىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە” دىگەن دانالار سۆزىنى يادىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەس قىلغان ئىشىغا قارىشىمىز كىرەك.

 بىرىكىش مۇمكۇنچىلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىگىنى، بېرىكىش ئۈچۈن يەنە كۇچ ۋە زىھىن ئاجىرتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلىغىغا ئىشەنگەن ۋەكىللەر، ئۆزلىرىنىڭ ئالتى ئايدىن بېرى دېموكۇراتتىك دۆلەتلەرگە ھاس ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان ئۈچ قىتىملىق مۇنازىرە، ۋە سايلام نەتىجىسىنى قەتتى قوغداش، ۋە پرېزىدىنتلىق سايلىمىنى تېخىمۇ ساغلام ئۆتكۇزۇش ئۈچۈن، يىغىننى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىندى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتىنىڭ، ئۈچكۈنلىك تاماق ئچىملىك بىلەن خەقسىز تەمىنلەشتىن سىرت، نامسىز بېلەت تاشلاش جەريانىنى نازارەت قىلىش، بېلەت ساناش،بىلەت نەتىجىنى ئېلان قىلىش، بېلەت كۆتىگىنى ئارخىپلاشتۇرۇش، قاتارلىق پىدا كارلىقى ياردىمى بىلەن يىغىن ناخىيىتى غەلبىلىك ئۈتكۇزۇلۇپ، ئككى پرېزىدىنت نامىزاتلىرى، تۇغلۇق ئابدۇرازاق، ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندىملەر ئىچىدىن، ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندىم كۆپسانلىق ئاۋاز بىلەن سايلىنىپ چىقتى. سۇرگۇندى ھۆكۇمەت ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن، ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندىم تۆت يىللىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىنى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم بېرىپ تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇ كۆرسېتكەن ۋە تەيىنلىگەن قېرىنداشلارمۇ، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تاپشۇرۇپ ئالدى. مەزكۇر قەسىمنامىدە ۋە، مۇناسىۋەتلىك ئاساسي قانۇن ماددىلىرىدا؛ ۋەزىپە ئۇتەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمى 23-يىلدىكى سايلامغا قەدەربولۇدىغانلىغى،ۋەىپە ئۇتەش مەزگىلىدە خەلىق ۋە ھۆكۇمەتنىڭ مەمپەتىنى، ئابرويىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۇتۇن ھۇجىدى بىلەن تىرىشىپ، مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغانلىغى قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەنگەن.  دىمەك، 23-يىلدىن كيىن ھۆكۇمەتكە كىملەرنىڭ خەلىق ۋەكىلى بولىشى،كىمنىڭ پرېزىدىنت بولۇشى پەقەت ۋە پەقەت قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازىىغىلا باغلىق.

نۆۋەتتە، بىر كۇچلۇك سۇرگۈندى ھۆكۇمەتنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىگى ھەممە بىردەك ئىتىراپ قىلىۋاتقان ھەقىقەت، لىكىن بۇ كۇچلۇك ھۆكۇمەتنى بىر كىچىدىلا قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ، تەدىرىجى، قەدەممۇ-قەدەم قۇرۇپ چىققىلى ھەمدە ھازىر ۋە كەلگۈسىمىز ۇچۇن ئۈنۈملىك خىزمەت قىلدۇرغىلى بولۇدۇ. تىبەتلەرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئۇچۇنچى قارار پرېزىدىنتنى غەلبىلىك سايلاپ چىققتى. شۇنۇڭ ۇچۇن قېرىنداشلارنىڭ ھۆكۇمەتنىڭ قۇرلىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ جىددى كۆڭۇل بۆلىشىنى بولۇپمۇ 23-يىلدىكى سايلامنىڭ خەلىققە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋىتىلىشى، تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ ئادىل بولۇشى، تېخىمۇ كۇچلۇك نامىزاتلانىڭ بارلىققا كىلىشى ئۇچۇن تىرىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۇد قىلىمىز. ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى،مەيلى ئىتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ، سۇرگۇندى ھۆكۇمەتمۇ ھەممىمىزنىڭ ھۆكۇمىتى. ئون بەش يىللىق ھەقىقەت شۇنى چۇشەندۇرۇدىكى، “ھۆكۇمەتلەرنى بىرلەشتۇرۇش” خۇددى “كومۇنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش” دىگەندەك چىرايلىق گەپ بولۇپ ئەمەلگە ئىشىش ئىھتىمالى، مۇمكۇنچىلىگى نۆل. قېرنداشلارنىڭ “بىرلەشتۇرۇش” سەپسەتىسىنى ئۇنتۇپ، دېموكۇراتتىك پرىنسىپلار ۋە قانۇن تۇزۇملېر بويۇچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان، تەرەقىيات ئستىقبالى بار دەپ ئىشەنگەن ھۆكۇمەتكە تېزدىن ئۇيۇشۇپ، ئۇنى كۇچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم.  

ھۆرمەت بىلەن،

شەرقى تۇركىستان سۇرگۇندى ھۆكۇمىتى

Website: www.etgov-in-exile.org

Address: 2021 L St NW Ste 101-356 Washington, DC 20036

July 20, 2021

Sherqi Turkistan Surgündi Hökumitining 2021 Qurban Héyitliq Salimi

 

Xitay jaza lagirlirida achchiq ingrawatqan, lagir sirtida xitay nimede dise shuni diyishke, nime qil dise shuni qilishqa mejbur boluwatqan, chetellerde soyumluk adamliri gurege élinip yaki gurege élinishidin qorqup, temtirep sukuttte olturghan  we wetenning kök bayriqi choqum wetenning topuriqida lepildishi kirek, dep ishenchi bilen tirishiwatqan barliq qérindashlirimizgha qurban héyitliq salam!

Barliq qérindashlirimizning putun kayinatning rabbi bolghan, Alla-Talladin, béshimizdiki zulumlarni köturwitishini, we kilerki Qurban Héyitni kök bayraqlirimizni lepuldetken halda, ana topuruqimizda birlikte ötkuzushimizge nisip qilishi uchun, qollirini igiz köturup duwa qilishini soraymiz. Shundaqla Amérika bashliq NATO döletlirining, 21-esirdiki dunya tinichliqi we tereqiyatining kapaliti bolghan, Sherqi Turkistan uchun chiqirwatqan awazlirigha maslishishini, biz arzu qiliwatqan tangning pat yéqinda atidighanlighigha chungqur ishinishini umud qilimiz. 

Dunyaning shundaqla uyghurlarning döletchilik tarixigha nezer salsaq,qachan, qayerde qanun tuzumge hörmet qilinghan bolsa shu yer, shu waqitta dölet güllen’gen, xeliq bayashat yashighan. Qérindashlar, wetinimiz musteqilliqining eslige kilishi peqet we peqet waqit mesilisi. Shunung uchun, biz bir tereptin musteqilliqimizni eslige kelturush uchun, yéne bir terep tin, qanun tuzum boyiche ish élip baridighan, démokurattik présiplargha hörmet qilidighan, hökumet qurush üchün tirishishimiz kirek. Amékiliqlarda “démokuratiyege arlashmisang, démokuratiye öludu” digen gep bar,biz amérikiliqlarning bu rohidin ügunup, taki bir ismi-jismigha layiq hökumitimzni qurup chiqmighiche hardim-taldim dimey, nahiyiti hushyarliq blen herket qilishimiz kirek.  Undaq bolmighanda, xuddi” bir qoyning qumuliqi bir qérin mayni sisitiptu” digendek bezi shöhretperes, menpet peres, mezhep peres jahil unsurlar musteqilliqimizni eslige kelturush dawayimizgha éghir ziyanlarni siliwitidu.

 Mesilen:  2019-yili 4-ayda, dunyaning herqaysi yerliridin xeliq teripidin ashkara saylinip,allahning mubarek nami bilen qesem bérip,   yetmishke yiqin adem surgundiki hökumetke kirdi,we özige ishen’gen wekillirining özni prézidéntliq namizatigha körsitish telep qilindi. Netijide Erkin Ablimit, Tughluq Abdurazaq we Salih Xudayar ependiler özini namizatliqqa körsetti.  Üch qétimliq prézidéntliq munazire we teyarliq saylam élip bérildi. Bu üch qétimliq teyarliq saylam netijisidin ümud sizlinip, bi’aram bolghan, özwaqtida prézidént exmetjan osmanni suyqesitbilen örüp özini prézidént qiliwalghan bu ” eng eqilliq,eng  weten perwer” janap, xuddi appaq ghojigha oxshash weten we xeliqning menpetini,sürgündi hökümet qanunini, xeliq wekilirining awazini bir terepke qayrip qoyup,yéghin échilishqa birhepteqalghanda, ondek himayichisi bilen bölünüp chiqip ayrim yerde yéghin ichishni qarar qildi.

 Bu kutulmigen bölge’ünchilik weqesidin heyran qalghan, we dawaning kilechigidin qattiq ensirigen wekiller, u janap bilen sözliship, niyitidin yandurush ümütide, birinchi qétim Siyit Taranchi ependim bashliq ondek ademlerni, ikkinchi qétim Shöhret Seydexmet ependim bashliq ademlerni, üchünchi qétim Jasaret Umud ependim bashliq ademlerni eng ahirida yashlar wekilini ewetti, nahyiti epsuz hemmisi qopalliq bilen ret qilindi. Axirda wekiller u janapning yéghin zaligha bérip yighinni bille ichishni ötundi, u janap  wekilerning kelse boludighanlighini emma peqet guzetkuchi suputide qatniship saylash, saylinish hoqoqi bolmaydighanliqini didi we prézidintliq namizatimu bolmighan bu janap bir kichidila özini prézidint dep sayliwaldi. “Haywanning alisi sirtida, ademning alisi ichide” digen danalar sözini yadimizda ching tutushimiz bir ademge baha bergende uning sözige emes qilghan ishigha qarishimiz kirek.

 Birikish mumkunchilikining yoq ikenligini, bérikish üchün yene kuch we zihin ajirtishning zörüryiti yoqlighigha ishen’gen wekiller, özlirining alti aydin béri démokurattik döletlerge has usulda élip barghan üch qitimliq munazire, we saylam netijisini qetti qoghdash, we prézidintliq saylimini téximu saghlam ötkuzush üchün, yighinni eslidiki pilan boyiche élip bérishni qarar qilindi.

Amérikidiki uyghur jama’etining, üchkünlik tamaq ichimlik bilen xeqsiz teminleshtin sirt, namsiz bélet tashlash jeryanini nazaret qilish, bélet sanash,bilet netijini élan qilish, bélet kötigini arxiplashturush, qatarliq pida karliqi yardimi bilen yighin naxiyiti ghelbilik ütkuzulup, kki prézidint namizatliri, Tughluq Abdurazaq, Erkin Ablimit ependimler ichidin, Erkin Ablimit ependim köpsanliq awaz bilen saylinip chiqti. Surgundi hökumet asasi qanunigha asasen, Erkin Ablimit ependim töt yilliq prézidéntliq wezipini, allahning nami bilen qesem bérip tapshurup alghandin kiyin, u körsétken we teyinligen qérindashlarmu, öz wezipilirini allahning nami bilen qesem qilip tapshurup aldi. Mezkur qesimnamide we, munasiwetlik asasy qanun maddilirida; wezipe utewatqan qérindashlirimizning mudditi eng uzun bolghandimi 23-yildiki saylamgha qederboludighanlighi,wez’ipe utesh mezgilide xeliq we hökumetning mempetini, abroyini birinchi orungha qoyup, putun hujidi bilen tiriship, mesuliyetchanliq bilen ishleydighanlighi qatarliqlar éniq belgilen’gen.  Dimek, 23-yildin kyin hökumetke kimlerning xeliq wekili bolishi,kimning prézidint bolushi peqet we peqet qérindashlarning awazi’ighila baghliq.

Nöwette, bir kuchluk surgündi hökumetning bolushining zörürligi hemme birdek itirap qiliwatqan heqiqet, likin bu kuchluk hökumetni bir kichidila qurup chiqqili bolmaydu, tediriji, qedemmu-qedem qurup chiqqili hemde hazir we kelgüsimiz uchun ünümlik xizmet qildurghili boludu. Tibetlermu shundaq qiliwatidu, hazir uchunchi qarar prézidintni ghelbilik saylap chiqqti. Shunung uchun qérindashlarning hökumetning qurlish ishlirigha téximu jiddi köngul bölishini bolupmu 23-yildiki saylamning xeliqqe téximu keng échiwitilishi, téximu ashkara, téximu adil bolushi, téximu kuchluk namizatlaning barliqqa kilishi uchun tirishishini chin dilimizdin umud qilimiz. Weten hemmimizning wetini,meyli itirap qiling yaki qilmang, surgundi hökumetmu hemmimizning hökumiti. On besh yilliq heqiqet shuni chushendurudiki, “hökumetlerni birleshturush” xuddi “komunizimni emelge ashurush” digendek chirayliq gep bolup emelge ishish ihtimali, mumkunchiligi nöl. Qérndashlarning “birleshturush” sepsetisini untup, démokurattik prinsiplar we qanun tuzumlér boyuche ish élip bériwatqan, tereqiyat stiqbali bar dep ishen’gen hökumetke tézdin uyushup, uni kucheytish intayin muhim.