Our Culture by untv.biz

Our Culture

Untv Biz   Our Culture

Bizning Mediniyitimiz-Untv Biz بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇپ ھەركۈنلۈك يېڭىلىقلاردىن ھۇزۇرلانغايسىز ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلار، نەچچە ئايلىق تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە «Untv» تور تېلىۋىزىيەسىدىن ئىبارەت بۇ يۇمران كۆچەتنى ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تىكتۇق. بۇ كۆچەتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ باراخسان قىلىشتا بارلىق ئۇيغۇرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاجمىز. يۇپۇرماقلار ئارا خۇشپۇراق، گۈزەل چىچەكلەرنى پەرپا قىلىپ ئۇنىڭدىن شېرىن مىۋىلەرنى ھاسىل قىلىش ھەممىمىزگە ئوخشاشلا خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ سەھنە ئۇيغۇرنى سۈيىدىغان، مىللىتىگە كۈيىدىغان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ سەھنىسى. سىزنىڭ شەخسى ھايات يولىدىكى تاللىشىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىز ئۇيغۇرلۇق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ سەھنىمىزدە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ. مەقسىدىدىمىز ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇرلارغا كۈچ بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش. بىز ئۇيغۇر دىگەن مىللەت مەۋجوت بولغان كۈندىن باشلاپ ئۇ ياشىغان جۇغراپىيەلەرنى ، ئۇ ئېتىقاد قىلغان دىنلارنى ، ئۇ ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى ، ئۇ ئىشلەتكەن تىل- يېزىقلارنى ھەممىنى ھۆرمەت قىلىمىز. ھەممىننى شۇ دەۋرلەردە بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى نامايەن قىلغان خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىك، دەپ ياخشى كۆرىمىز . بىزدىكى ئۇيغۇرلۇقنى سۆيۈش بۇ بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرلىرىنى دىندارلىقى سەۋەپ، بىرلىرىنى مەدەنىيەتلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى سەۋەپ، بىرلىرىنى تىرىشچانلىقى سەۋەپ، بىرلىرىنى ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈسى سەۋەپ، بىرلىرىنى ئىشچانچلىقى سەۋەپ، بىرلىرىنى ئاقكۆڭۈللىكى سەۋەپ…… ھۆرمەت قىلىمىز بىر ئىنساندىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلمايمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ مۇكەممەل ئەمەس. #untv #untvbiz #uyghur 

Music in this video

Song

Luxury

Artist

danyvin

Licensed to YouTube by