Paris Conference from 2022 November 11 to 13 پارىژ كانفىرىنىسى مەسلىخەت ۋە تەيارلىق يېغىن ئاخباراتى

ئۈچۈنچى سىنتەبىر كۈنى، ش ت س ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرھۆرلۈك مۇنبىرى ۋە خەلىق-ئارا ئۇيغۇر بىرلىگى رەھبەرلىرى بىريەرگە جەم بولۇپ، 2022-يىلى نويابىرنىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان، پارىژ كانفىرىنىسىغا ئايىت مەسلىخەتلەردە بولدى ۋە تەيارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۇردى. كۆپچىلىك بىردەك، پارىژ يېغىنىنىڭ تۈپ مەقسىدى” مۇستەقىللىغىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋا يولىدا يۈزبەرگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنچەكە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، بۇنىڭدىن كيىن ئوخشاش خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئوخشاش نىشانغا ئىگە قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىكى چۈشەنچىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‘دۆلەت مەنپەتى خەممىدىن ئەلا’ دەپ قارايدىغان سىياسى ئاڭنى ۋە ۋەتەن پەرۋەرلىك رھنى كۈچەيتىش. داۋا يولىمىزدا،دېموكىراتتىك ئۇسۇلدا تېخىمۇ ياىشى تەشكىللىنىپ، مۇنتۇزۈم ئىش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى تەرەقى قىلدۇرۇش. خەلىق-ئارا ۋەزىيېتنى داۋاملىق ئەستايىدىل گۈزۈتۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۈنۈملىك پايدىلىنىش يولىنى تېپىپ چىقىش” دەپ قارىدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *