بۈگۈر پىدائىيلىرى : دىنىي رادىكاللارمۇ ، مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىمۇ؟
(بۈگۈن مۇشۇ تىمىدا “زىمىستان” تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ تەرجىمىسى )
كۆك بايراق
دۇنيا كۆپلىگەن مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرىغا شاھىد بولدى؛ بۇلارنىڭ كۆپىنىچىسى مۇستەملىكىچى ئاجىزلىغان ياكى يىقىلىۋاتقان يەنى غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى بەلگىلىك دەرىجىدە ھازىرلانغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركەتلىرى مۇستەملىكىچى ئەڭ كۈچلەنگەن، ھەتتا دۇنياغا خوجا بولۇش كويىغا چۈشكەن مەزگىلىدە پارتىلىدى. مەنچە، بۇ دۇنيا تارىخىدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر ھادىسىدۇر.
بۇنىڭدىن نەق 8 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ” 21-سىنتەبىر بۈگۈر ئىسيانى ” شۇ ھادىسىدىن بىر پارچىدۇر.
شۇ كۈنى بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مەنپەئەتلىرىگە، جۈملىدىن ئىككى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھۇجۇمدا 4 ساقچى، 8 ئاھالە ئۆلىدۇ، 52 كىشى يارىلىنىدۇ. 40 پىدائى ئۆزىنى پارتىلىتىپ ياكى ئېتىپ تاشلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
ھەر ۋاقىتتىكىدەك، خىتاي تەرەپ پىدائىيلارنى جەننەتكە كىرىش خىيالىدىكى دىنىي رادىكاللار، ھۇجۇمنى تېرورلۇق دەپ ئەيىپلەيدۇ؛ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، ھۇجۇمچىلارنى زۇلۇمغا چىدىمىغان، كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ياشلارنىڭ چارىسىزلىق ئىچىدىكى قارشىلىقى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. مەنچە ھەر ئىككى قاراش ھەركەتنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
يېقىندا مەن بۈگۈر ئىسيانىنىڭ بىر شاھىدى بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. ئۇ، پدائىيلارنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەتنىڭ سۆزلىرىدىن مۇنۇلارنى ئەسلىدى:
” قېرىنداشلار، خىتاينى ئۆزگۈرىدۇ دەپ خام خىيال قىلماڭلار، ئۇ ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ بىزگە قىلچە نەپ يوق. ئۆتكەن ئەسىردە خىتايدا 4 قېتىم چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى، ئوننەچچە قېتىم ھاكىمىيەت ئالماشتى، ھىچقايسىسى تەقدىرىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشىگە تۈرتكە بولالمىدى. شۇڭا بۈگۈن غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد 0.001%بولسىمۇ بىز بىر ھەركەت قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى سۈكۈت 100% ئۆلۈمنى كۈتۈش دېمەكتۇر” . شاھىدنىڭ دېيىشىچە تۇرسۇن مەمەت بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى ھۇجۇمنى باشلاشتىن ئاۋۋال قىلغان ۋە سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: ” دېگەنلىرىمگە ئىشەنسەڭلار، ئارقامدىن ئەگىشىڭلار ئۇ دۇنيادا-ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا- ئۇچرىشىمىز؛ ئىشەنمىسەڭلار ، ھازىرلا يېنىمدىن ئايرىلىڭلار جېنىڭلارنى ساقلاڭلار، ئەمما ئۇنتۇماڭلاركى، بۈگۈن ئايىغان جېنىڭلار ئەتە ئۆزەڭلارغا يۈك بولىدۇ؛ دوزاقنىڭ ئازابىنى ئۇ دۇنيادىلا ئەمەس، مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا تارتىسىلەر”
تۇرسۇن مەمەتنىڭ قوروسىغا توپلانغان 60چە دوستىدىن 40 نەپىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ، قالغىنى ئايرىلىپتۇ، گۇۋاھچىمۇ شۇ ئايرىلغانلاردىن بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ قېچىش سەپىرى شۇ مىنۇتتا باشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن تۈركىيەگە ئامان ئېسەن يېتىپ كەپتۇ.
مەن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم:
—ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندە تۇرسۇن مەمەتنىڭ شۇ كۈنكى سۆزلىرىگە قانداق باھا بېرىسىز؟
— شۇ كۈنى ئايال-بالامنىڭ ۋە بەش قېرىندىشىمنىڭ ئامانلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئويلاپ سەپتىن چۈشۈپ قالغان ئىدىم. ھازىر ئايال-بالامنىڭ نىمە كۈن كۆرۈۋاتقىنىنى بىلمەيمەن؛ 5 قېرىندىشىم ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە. مەن ئۆزەم چەتئەلدە تېخىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تىكلىنىپ بولالمىدىم. شۇڭا، سەپتىن چۈشۈپ قالغىنىمغا پۇشمان قىلىمەن. بولۇپمۇ ھەر قېتىم ئىش ئۈستىدە خىيالغا پېتىپ قالغان چېغىمدا مەن ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتىكى سېخ باشلىقى ” كاللاڭنى يىغ” دەپ ۋارقىرىغان ۋاقتىدا تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى تەبىرىگە چىن يۈرەكتىن قايىل بولىمەن.
مېنى ھەر ۋاقىت ئويلاندۇرىدىغىنى، ئاخىرى 100% ئۆلۈم بولغان بۇ ھەركەتكە شۇ پىدائىيلارنىڭ قانداقلارچە جاسارەت قىلالىغانلىقى ئىدى. شۇڭا شاھىددىن سورۇدۇم:
— شۇ كۈنكى ئىسيانغا تۈرتكە بولغان بىر كونكىرت ۋەقە بارمۇ؟ مەسىلەن بىرلىرىنىڭ كېىچىدە ئۆيىنى تەكشۈرۈش ياكى بىرەر دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ياكى كوچىدىكى بىرەر يايمىكەشنىڭ بوزەك قىلىنىشى دېگەندەك؟
— دېگەنلىرىڭىز، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى، ئەگەر، ھەقسىز ھەتكەتلەر، ئىسيان پەيدا قىلالايدىغان ئىش بولسا، شەرقى تۈركسىتاندا ھەر كۈنى ھەر سائەت مىڭلارچە ئىسيان يۈز بەرگەن بولاتتى.
— ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مەقسىتى جەننەتكە كىرىش دېسەك توغرا بولامدۇ؟
I— جەننەت ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى، ھەممىسى ئەمەس. ئاساسلىق مەقسەت دۇنياغا ئاۋازىنى چىقىرىش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش…
بۇ گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى، تۇرسۇن مەمەتنىڭ سۆزلىرىدىن ئالغان نەقىللىرى ۋە ئۆزەمنىڭ پىدائىيلار سېپىدىكىلەرنى يىللاردىن بېرى كۆزىتىشلىرىمگە ئاساسەن، بۈگۈر ئىسيانىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق خۇلاسىلىدىم: ئالدى بىلەن خىتايغا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاش، ئاندىن ئۇيغۇر خەلقىغە مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلاليدىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ ئىلھام بېرىش؛ ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئاارا جامائەتكە دۇنيادا شەرقى تۈركىستان دەپ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى بىر زىمىننىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئائىلىسىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، ئەنە شۇ مۇستەملىكە زىمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش. دېمەك بۈگۈر ئىسيانى پلانلىق، نىشانلىق بىر ھەركەت ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرەش يولىغا چېچىلغان ئۇرۇقلار…
يېقىنقى يىگىرمە يىلدا يۈز بەرگەن كۆپىنچە قارشىلىق ھەركەتلىرىدە كۆرۈلگەندەك، بۇ قېتىمقى ھەركەتتىمۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ 20 سى ئايال. ئايال پىداىيلاردىن بىرى يېتەكچى تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئايالى. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر نۇقتا: ئايالىنى جەڭگە يېتەكلەپ ئەكىرەلىگەن بىر رەھبەردىكى تەشكىللەش ئىقتىدارى قانداق بىر ئىقتىدار؟ بۇ ئىقتىداردىكى سېھرىي كۈچنىڭ سىرى نىمە؟
بۇ سوئالىمغا گۇۋاھچىنىڭ تۇرسۇن مەمەتنى ئەسلىگەندىكى كۆز ياشلىرى ۋە سۆزلىرىگە ئاساسەن مۇنداق جاۋاپ ئالدىم:
تۇرسۇن مەمەت كىشىلەرنى جەننەتنىڭ گۈزەللىكىگە شۇ زامات جېنىنى تاشلاپ بەرگۈدەك دەرىجىدە مەپتۇن قىلالايدىغان بىر دىنىي زات ئەمەس. ئۇ بىر بىناكارلىق تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۆي قۇرۇلۇشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھۈنەرۋەن، ئۇنىڭ دىنىي مەلۇماتى پەقەت ئىشتىن سىرت ئۈگىنىش ۋە ئىزدىنىشتىن توپلانغان. ئۇ خەلقاارا قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ دۇنيانىڭ ئادالىتىگە ئىشەندۈرەلەيدىغان ۋە ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلەندۈرۈپ دەرھاللا مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتلاندۇرالايدىغان دەرىجىدە بىر سىياسىيون ياكى پەيلاسوپ تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت ئۆزى ۋە خەلقى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنىڭ يىلتىزىنى ۋە بۇ زۇلۇمغا قارشى قانداق ئىش تۇتۇشنىڭ شەرەپلىك بىر يولىنى مەنتىقلىق شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرەلىگەن بىر رەھبەر.ئايالى ۋە 40 نەپەر سەبدىشىنى قايىل قىلغىنى يەنى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قورالى ئۇنىڭ نىيىەت ۋە ئەخلاقىدىكى دۇرۇستلۇق، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ساداقەت.
پارىڭىزمنىڭ ئاخىرىدا شاھىد مۇنداق دېدى:
— ئەگەر دېگەنلىرىمنىڭ خەلقىمىزگە بىر پايدىسى بولسا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھەققانىيلاشتۇرۇپ قويمايدىغانلا ئىش بولسا، يازمىڭىزدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنى مۇنداق دەپ خاتىرجەم قىلدىم:
— پىدائىيلارنىڭ غايىسى ۋە ھەركىتى مىللىي ھەم ئىنسان ھەق جۈملىسىدىن. بىرەر شەخس ۋە ياكى بىرەر گۇرۇپنىڭ قارشىلىق ھەركىتى شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىن نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىر مىللەتنى كوللىكتىپ جازالاشنى ھەققانىيلاشتۇرالمايدۇ. تۈركىيە پ ك ك بىلەن ؛ ئەنگىلىيە شىمالىي ئىرالاندىيە پارتىزانلىرى بىلەن ، ئىسپانىيە باسىك مۇستەقىلچىلىرى بىلەن ئوننەچچە ۋە ھەتتا ئەسىرلەردىن بىرى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئەمما تۈركىيە كۈرتلەتنى لاگىرغا سولىۋالغىنى يوق، ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە بىرەر قېتىممۇ مىليونلارچە خەلقىنى توپلاپ” قايتا تەربىيەلەش” ئېلىپ بارغىنى يوق.
دېمەك، ئەستە تۇتۇلۇشى كېرەككى، بۈگۈر پىدائىيلىرى جېنىدىن تويغان ياكى ئۈمىدسىزلەنگەن ياشلار ئەمەس؛ بەلكى دۇنيادا نىمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنى، بولۇپمۇ دۈشمىنىنىڭ پەيلى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا نىمە كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئالدىن كۆرەلىگەن ئەقىللىق، ھۇشيار ۋە ۋىجدان ساھىبى ياشلاردۇر. ئۇلار بىرەر قانۇنلۇق دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغىنى يوق، پەقەت ئەڭ ۋەھشىي بىر مۇستەملىكىچىنىڭ تاپىنىدىن ئۆز خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قان تەقدىم قىلغانلار، جان پىدا قىلغانلاردۇر. شۇڭا بۈگۈر پىدائىيلىرى خىتاينىڭ نەزىرىدە تېرورىست ، مېنىڭ قەلبىمدە ئۆلمەس قەھرىمانلاردۇر.